بۈگۈنكى تەۋسىيە ناخشا

Ask Durdukca

Audio clip: Adobe Flash Player (version 9 or above) is required to play this audio clip. Download the latest version here. You also need to have JavaScript enabled in your browser.

گىتتاردا پاسنى مۇنداق ئوينىيالامسڭز؟

Rodrigo y Gabriela بولسا گىتتارنى تىزچېلىشنى ئۇسلۇب قىلغان مۇسكۇۋانىڭ ئېككى كىشلىك مۇزىكا ئەترىتى،ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىنىڭ رېتىمى ئىنتايىن تىز بۇلۇپ، قۇيۇق فىلامىنكو پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىدىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى! داۋامى »

Win7 مۇسۇلمانلارغا ئاتاپ يېڭى ئۇسلۇپ ئېلان قىلدى

يېقىدا مىكروسوفت (Microfoft) شىركىتى مۇسۇلمان دوسلارغا رامزان تېمىسىدىكى Win7 ئۇسلۇبى Ramadan Kareemنى سوۋغا قىلدى.ئۇسلۇبنىڭ چوڭلىقى 3.7MBبۇلۇپ، themepack شەكىلىدىكى ھۆجەت،ئەگەر سىز Win7 دىن باشقا سېسىمىلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ھۆجەتنىڭ كەڭەيتىلمە نامىنى.cab ئۆزگەرتىپ بولاقنى يەشكەندىن كېيىن DesktopBackground دېگەن فولدىرنىڭ ئىچىدىكى ئۇسلۇبنى تېپىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. داۋامى »

ئۇھ…

يائاللا ،ھەنىم بولسا بلوگىمنى تۇلۇق تەڭشىۋادىم،ئەمدىكى چوڭ مەسىلە بولسا ياخشىراق بىر ئۇسلۇب تېپىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋالاي …
ھۇررا….

ۋوردپرەس ئۇسلۇبىنى تەرجىمە قىلىش ھەققىدە

ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا، ئەڭ ئاۋال ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇنى تەڭشەش كېرەك بولىدۇ. ئۇسلۇبنىڭ رەڭگى، سۆز- جۈملە ۋە ئايكونلارنىڭ ئورنى قاتارلىقلارنى تەڭشەش بولسا قول تۇتىدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ توغرىلىق كېيىنكى يازمىلىرىمىزدا ئايرىم توختالماقچىمىز. ئادەتتە ۋوردپرەس ئۇسلۇبلىرىنى 2 تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرى،ۋاسىتىلىك تەرجىمىنى قوللايدىغان، يەنى تۈزگۈچىلەر باشتىلا تەرجىمىسىنى ئويلىشىپ، تەرجىمە قىلىش زۆرۈرىيىتى بولغان ئۇچۇرلارنى ئايرىم تىل بولىقى شەكلىدە تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلار. بۇنداق ئۇسلۇبنىڭ فونتىنى ئۇيغۇرچە فونتقا تەڭشەپ قويۇپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قوشۇپ قويسىڭىزلا ئۇيغۇرچىلىشىدۇ. ئۇندىن كېيىنكى قىلىدىغان ئىش پەقەت كۆرسىتىلىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئورنىنى تەڭشەشتىنلا ئىبارەت. ئوڭدىن سولغا كۆرسىتىشنى قوللايدىغان، تىل بولىقى بار بولغان ئۇسلۇبنى مۇشۇ ئۇسۇلدا دەرھاللا تەرجىمە قىلىپ تەييار قىلىشقا بولىدۇ. بۇ تۈردىكى ئۇسلۇبلارنى تەرجىمە قىلىشتا، ۋوردپرەس رەسمىي تور بېتىدە تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبى ئىچىدىكى ug_CN.po ھۆججىتىنى ئۇسلۇبنىڭ تىل ھۆججىتىنى ساقلايدىغان فولدېرىغا قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇنى تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا تەرجىمە قىلىشمۇ ئەلۋەتتە مۇمكىن. بۇ خىلدىكى تەرجىمىنى ۋاسىتىلىك تەرجىمە دەپ ئاتىۋالدۇق. يەنە بىرى، بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىش زۆرۈر بولغان، يەنى تەرجىمە ھۆججىتى تەمىنلەنمىگەن ئۇسلۇبلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ فونتىنى تەڭشىگەندىن باشقا يەنە ھەر بىر ھۆججەتتىكى ئۇچۇرلارنىمۇ بىر- بىرلەپ تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم PHP كودلىرىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ھالبۇكى ئەسلى كودنى ئۆزگەرتىشتە خاتالىق كۆرۈلسە، يەنى بىرەر تال يالاڭ پەش ياكى تىرناق ئارتۇق- كەم بولۇپ قالسا، يازما ۋە ئىنكاسلار قالايمىقان كۆرسىتىلىدىغان، ھەتتاكى پۈتۈن ئۇسلۇب نورمال ئىشلىمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ئۇسلۇبلارنى تەرجىمە قىلىشتا ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بۇ خىلدىكى تەرجىمىنى بىۋاسىتە تەرجىمە دەۋالدۇق. بىۋاسىتە تەرجىمىدىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبى ئىچىدىكى ug_CN.po ھۆججىتىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن بارلىق ئۇسلۇبلارغا ئورتاق بولغان ئۇچۇرلار ساقلانغان بولغاچقا، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتا كۆپ ئەسقېتىشى مۇمكىن. بىۋاسىتە تەرجىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلار بىرمۇ- بىر تەرجىمە قىلىنغاچقا، PHP كودىمۇ ماس ھالدا ئۆزگەرتىلىدىغان بولغاچقا، سۆز- جۈملىلەرنىڭ باغلاشماي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز. ئاۋارىچىلىق يېرى، ھەر بىر ھۆججەتنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئىنچىكىلىك بىلەن تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋاسىتىلىك تەرجىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى: پەقەت تىل بولىقىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ۋاقىت ئاز كېتىدۇ. بولۇپمۇ ئوڭدىن سولغا كۆرسىتىشنى قوللايدىغان ئۇسلۇبلاردا تېخىمۇ شۇنداق. كەمچىلىكى شۇكى، تىل بولىقىدىكى تەرجىمە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلگەندە، سۆز- جۈملىلەر باغلاشماي قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ھەر ئىككىلا ئۇسۇلنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق- كەمچىلىكلىرى بار. ئەمەلىي تەرجىمىدە بۇ ئىككىسنىڭ قايسىسىنى قوللىنىش يەنىلا ئۆزىڭىزگە ۋە سىز تاللىغان ئۇسلۇبقا باغلىق.